<?xml version="1.0" encoding="UTF-8"?><song><hymn_number>214</hymn_number>
<lyrics>[V1]
 شەيتان دېگەن بىر رەزىل مەخلۇق
 ئاقىۋەتتە تارتىدۇ خورلۇق
 // شەيتان بەرگەن ئازىراق خوشاللىق
 سېنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ ھوزۇرلۇق //

[V2]
 ئازغىنا بىر خوشاللىقنى دەپ
 ئۆز ئۆزۈڭنى قىلمىقىن گۇمران
 // خۇدادىنلا ياردەم تىلىگىن
 چۈنكى سېنىڭ تېنىڭ بەك ژۇمران //

[V3]
 ئۇلۇغ خۇدا تىلەيمەن سەندىن
 ۋۇجۇدۇمغا كۈچ۔قۇۋەت بەرگىن
 رەببىم ئەيسا تىلەيمەن سەندىن
 ۋۇجۇدۇمغا كۈچ۔قۇۋەت بەرگىن
 // بوي ئەگمەستىن شەيتان ئالدىدا
 غالىبە قىلاي شەيتان ئۈستىدىن //

[V4]
 بۇ غالىبەمدىن شاتلىققا تولۇپ
 نۇرىڭدىن مەن ھىدايەت تاپاي
 بوي ئەگمەستىن شەيتان ئالدىدا
 كېلەچەككە داغدام يول ئاچاي
 كەينىمگە مەن قايرىلماي پەقەت
 // كېلەچەككە داغدام يول ئاچاي //</lyrics>
<title>خۇدادىن ياردەم تىلىگىن Мн214</title>
</song>